
UYCAST PODCAST
ئۇيغۇر پودكاست 8-سان كانادادا چاقنىغان ئۇيغۇر
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
زۇمرەتئاي ئەركىن كانادا فېدېراتسىيە پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن كانادانىڭ كۇبېك بىرلىكى پارتىيەسى (Bloc Québécois) گە
ئاۋاز ۋە ۋىدىيو
<
🎙
Uycast
Podcast Player
🎙كانادادا چاقنىغان ئۇيغۇر
0:000:00
بۇ قىسىمغا ئاۋاز ياكى ۋىدىيو قوشۇلمىغان.
پودكاستنىڭ تەپسىلاتى
زۇمرەتئاي ئەركىن كانادا فېدېراتسىيە پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن كانادانىڭ كۇبېك بىرلىكى پارتىيەسى (Bloc Québécois) گە ۋاكالىتەن، مونترېئال شەھىرىدىكى لورىيې–سېنت-مارى سايلام رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تولۇقلىما سايلىمىغا قاتنىشىدۇ.
كۇبېك بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىۋ-فرانسۇئا بلانشې 25-ئۆكتەبىر مونترېئالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ نامزاتلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خەلقئارالىق تەجرىبىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
زۇمرەتئاي ئەركىن بىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، كۇبېك خەلقىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش تەجرىبىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خەلقلەرنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش، شۇنداقلا ئۆز كەلگۈسىنى ئەركىن بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
1993-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان زۇمرەتئاي ئەركىن 10 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ مونترېئال ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، لاۋال ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن كەسپى بويىچە ئوقۇغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن 2019-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىدا خىزمەت باشلىغان بولۇپ، كېيىن قۇرۇلتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇ بۇ جەرياندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرى 2024-يىلى روزۋېلت فوندىنىڭ «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» بىلەن تەقدىرلەنگەن.
زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ قېتىمقى تولۇقلىما سايلامدا، كانادانىڭ سابىق مۇھىت ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشى مىنىستىرى ستىۋېن جىلبونىڭ پارلامېنت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشى بىلەن بوش قالغان ئورۇن ئۈچۈن رىقابەتكە قاتنىشىدۇ. سايلامنىڭ رەسمىي ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان.
بىز زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىمىزدە ئۇنىڭ سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇش قارارى، سايلامغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق.
قاتناشقۇچىلار
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ئىنكاسلار (0)
ھازىرچە ئىنكاس يوق. تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزىڭ!
ئىنكاس يېزىش