
UYCAST PODCAST
ئۇيغۇر پودكاست 3-سان جاسارەت ئوبرازى
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
قەلبىنۇر سىدىق : «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىنى سەپداشلىرىم ۋە خەلقىم نامىغا ئالدىم ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەپتىشى قەلبىنۇ
ئاۋاز ۋە ۋىدىيو
<
🎙
Uycast
Podcast Player
🎙جاسارەت ئوبرازى
0:000:00
بۇ قىسىمغا ئاۋاز ياكى ۋىدىيو قوشۇلمىغان.
پودكاستنىڭ تەپسىلاتى
قەلبىنۇر سىدىق : «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىنى سەپداشلىرىم ۋە خەلقىم نامىغا ئالدىم
ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەپتىشى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «پوردېنون ھۆججەتلىك فىلىم مۇراسىمى»دا «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.
مەزكۇر فىلىم مۇراسىمىدا رېژىسسور دايا كاھېن تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان ”ماشىنىنىڭ كۆزى“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشگەن. بۇ فىلىم قەلبىنۇر سىدىقنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قانداق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي پاش قىلىنغان.
بىز <<ئۇيغۇر ئاۋازى پودكاست>> پروگراممىسىدا قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن بۇ مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بىزگە مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، مۇكاپاتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، لاگېرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق پائالىيەتچىلەرگە ۋە ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلار نامىدىن مۇكاپاتنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازات بولغىچە، زۇلۇمنى پاش قىلىشتىن ئەسلا توختىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى."
قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئەسلىدە، خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 2017-يىلى، توققۇز ئاي ئەتراپىدا جازا لاگېرلىرىدا خىتايچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە شاھىت بولغان ۋە بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي، مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ دەپ بىلىپ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن 18 دۆلەتتە ۋە بەزى دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم شاھىتلىك قىلغان. قەلبىنۇر سىدىق خانىم سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتىنى پاش قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قاتناشقۇچىلار
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ياخشى پودكاست بوپتۇ، ھارمىغايسىلەر