ئۇيغۇر پودكاست 5-سان «يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
UYCAST PODCAST

ئۇيغۇر پودكاست 5-سان «يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم

«يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللا

ئاۋاز ۋە ۋىدىيو

<
Uycast Podcast Player
پودكاست مۇقاۋىسى

«يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

ئەركىن تارىم--:--
0:000:00
ئۇيغۇر پودكاست 5-سان «يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
🔊

پودكاستنىڭ تەپسىلاتى

«يېڭى قانۇن» نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىدى . گەرچە بۇ قانۇن ئاتالغۇ جەھەتتىن «ئىتتىپاقلىق» ۋە «تەرەققىيات» دەپ پەردازلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ خىتاينىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت مودېلىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىي مەجبۇرىيىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ روشەن كۆرۈنۈشىدۇر . خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاگاھلاندۇرغاندەك، بۇ يېڭى قانۇن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مۇستەملىكە مىللەتلەرنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ۋە بىرلا خىل مىللەت گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇنىي گەۋدىلىنىشىدۇر. بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېغىر پىسخىكىلىق ۋە رېئال بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ سۈكۈت قىلدۇرۇش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە مەجبۇرلانغان سىنلىق يالغان ئىقرارنامىلەرنى تارقىتىش قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيتىدۇ . بۇ، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاۋازلىرىنى دۇنياۋى مىقياسىدا تۇنجۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق قارا نىيەتتۇر. خۇلاسىلىگەندە، خىتاينىڭ 2026-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ئەسلا بىر تىنچلىق ۋە تەڭپۇڭلۇق قانۇنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنى تىلى، دىنى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مىللىي ئېڭى بىلەن قوشۇپ يوقىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قوللانمىسىدۇر . بۇ قانۇن يالغۇز خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىلا خىرىس قىلىپ قالماستىن، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ماددىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە كىشلىك ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. بىز مەزكۇر قانۇن ھەققىدە تۈركىيە كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئ&zwj;ۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

قاتناشقۇچىلار

رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم

ئىنكاسلار (0)

ھازىرچە ئىنكاس يوق. تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزىڭ!

ئىنكاس يېزىش