
UYCAST PODCAST
ئۇيغۇر پودكاست 4-سان دەۋادىن ئۈمىد بارمۇ؟
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
دەۋادا ئۈمىد بارمۇ؟ ۋارشاۋا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى
ئاۋاز ۋە ۋىدىيو
<
🎙
Uycast
Podcast Player
🎙دەۋادىن ئۈمىد بارمۇ؟
0:000:00
بۇ قىسىمغا ئاۋاز ياكى ۋىدىيو قوشۇلمىغان.
پودكاستنىڭ تەپسىلاتى
دەۋادا ئۈمىد بارمۇ؟
ۋارشاۋا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتتى. پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2026- يىللىق ۋارشاۋا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى 5-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ يىغىنغا ھۆكۈمەت مەسئ‍ۇللىرى، خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋارشاۋادىكى ئەلچىلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن بولۇپ 1800 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە، ئاساسىي ئەركىنلىكلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر يىغىن كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ئەركىنلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىلغان. بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ رەزىل سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر، 12-ئۆكتەبىردە چېخىيەنىڭ پراگا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن “مۇنبەر 2000” يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان. بۇ يىغىن جەريانىدا ئۇلار، چېخىيە پارلامېنتى يۇقۇرى پالاتاسى مۇئاۋىن رەئىسى يېرى ئوبېرفالزېر بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاتالمىش قانۇنى ئارقىلىق تېزلەتكەنلىكىنى ئاڭلاتقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنداق مۇھىم يىغىنلاردا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ مۇھىم يىغىنلارنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
قاتناشقۇچىلار
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ئىنكاسلار (0)
ھازىرچە ئىنكاس يوق. تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزىڭ!
ئىنكاس يېزىش