ئاۋازلارغا بوشلۇق يارىتىش
ھەر خىل تېمىدىكى ئۇيغۇرچە پودكاستلارنى بايقاش ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا يەتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش.
Uycast — ئۇيغۇرچە پودكاستلارنى بىر يەرگە توپلاش، يېڭى ئاۋازلارنى بايقاش ۋە قىممەتلىك مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان رەقەملىك سۇپا.
ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇر ئاۋازى پودكاست (ئۇيكاست) ئاڭلىتىشى توغرىسدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلكى، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان، شۇنداقلا چېگرا ھالقىغان بېسىم سىياسىتى كۈنسايىن كۈچىيىئاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيھۇرلار باشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈكىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاۋازى پودكاست (ئۇيكاست) ئاڭلىتىشى تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر ئاۋازى پودكاست (ئۇيكاست) ئاڭلىتىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ئاڭلىتىشىمىز، تەپسىلى خەۋەر، ۋەزىيەت ۋە مۇلاھىزە، مەدەنىيەت ۋە تارىخ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، تىل ۋە ئەدەبىيات مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەپسىلى خەۋەردە بولسا، شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارلار ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تەپسىلى بېرىلىدۇ. خەلقئارا خەۋەرلەردىن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تاللاپ ئاڭلىتىلىدۇ. ۋەزىيەت ۋە مۇلاھىزەدە ، شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ۋەزىيىتى، تۈرك دۈنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، جۇرنالىستلەر ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن سوھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئاڭلىتىشىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تارىختا ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتى، كۆپ قىسىملىق پودكاست ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر تارىخچىلار بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، تارىختا مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرغان تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىھى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تۈرك تارىخچىلار ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، تۈرك دۈنياسı تارىخىنى يازغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تارىخى ئۆگىتىلمەيدۇ. خىتاي تارىخچىلار ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاپ يازىدۇ. ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش، مىللىي مۇتەقىللىق كۈرىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم. تارىختىن قانداق ساۋاق ئېلىش ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاڭلىتىشىدا، ئۆزى ۋە يېقىنلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، شاھىت بولغان ۋە چېگرا ھالقىغان بېسىمغا ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ. چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە دۇچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە قېيىنچىلىقلىرىمۇ بۇ ئاڭلىتىش دائىرىسىدە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى: ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ما'ئارىپ نازارىتى 2010-يىلى ئۆزىنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق قوش تىللىق ما'ئارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى، پىلاندا 2020-يىلغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە قوش تىللىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ما'ئارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ۋە قوش تىلدا ئوتتۇرا باشلانغۇچ ما'ئارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى 90% تىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىكەن. خىتاي، 2020-يىلىدا بۇ نىشانىغا يەتكەندىن سىرت، 2025-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە يەك تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش قارا نىيەتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ھەقتە ئەدىپلەر، ئەدەبىياتچىلار، يازغۇچى، شا’ئىرلار، ما’ئارىپچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سوھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇر ئاۋازى پودكاست (ئۇيكاست) ئاڭلىتىشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىتىشىڭلارى ئۈمىت قىلىمىز. پودكاست دېگەن نېمە؟ پودكاستىڭ ئاۋاز ھۆججەرلىرىنى توردا قويۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ پودكاست يۇمۇشاق دېتاللىرى ئارقىلىق ئاڭلىشىغا ۋە ياكى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان دېجىتال ئاۋاز قويغۇچىلارغا كۆچۈرۈپ، توردا بولمىغان ۋاقىتلاردىمۇ ئاڭلاشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىشتۇر. پودكاستنى قانداق ئاڭلايمىز؟ ئەگەر سىز پودكاست قىلىنغان ھۆجججەتلەرنى كومپيۇتېرىڭىزدا ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، پودكاستنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق پودكاست مۇلازىمىتىگە مۇشتەرى بولىشىڭىز كېرەك.
Uycast نى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەتلىرىمىز تۆۋەندىكىچە.
ھەر خىل تېمىدىكى ئۇيغۇرچە پودكاستلارنى بايقاش ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا يەتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش.
بىلىم، تەجرىبە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى قىممەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ تارقىلىشىغا تۆھپە قوشۇش.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇن ئىجادكارلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا رەقەملىك ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش.
بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارزۇيىمىز — Uycast نى ئۇيغۇرچە پودكاستلارنى بايقاش، ئاڭلاش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ھەم قولايلىق سۇپىغا ئايلاندۇرۇش.
كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىجادكارلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك مەزمۇنلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قىزىقارلىق سۆھبەتلەر، يېڭى ئىدىيەلەر ۋە ئۆزگىچە ئاۋازلارنى Uycast ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرۈڭ.
پودكاستلارنى ئاڭلاش