باش بەت ۋەزىيەت ۋە مۇلاھىزە

ۋەزىيەت ۋە مۇلاھىزە

بۇ كاتېگورىيەگە تەۋە ئەڭ يېڭى پودكاستلارنى بۇ يەردىن تاپالايسىز.

پودكاستلار

جەمئىي 1 پودكاست
ئۇيغۇر پودكاست 6-سان تۈركىستان ۋە پانتۈركىزم

ئۇيغۇر پودكاست 6-سان تۈركىستان ۋە پانتۈركىزم

تۈركىستان ۋە پانتۈركىزم      تۈركىيەدىكى دەرسلىك كىتابلاردا، تارىختا تۈركىستان دەپ ئاتالغان جايلار  ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ يېزىلاتتى. 2025-يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ  بۇ ئاتالغۇنى تۈركىستان دەپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنى «تۈركىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى» دەپ تەرىپلەشتى .    مەلۇم بولغىنىدەك  سوۋېت ئىتتىپاقى (شۇرالار ئىتتىپاقى) يېمىرىلىپ، تۈركىي دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلار كۆرسەتمەكتە. 2009-يىلى ناخچىۋاندا چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى قۇرۇلدى. 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بولسا تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلدى.    1991-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەدە تۈرك دۇنياسى ئاتالغۇسى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. تۈرك دۇنياسى ئورتاق تارىخى يېزىلدى. 2026-يىلى تولۇقسىز ۋە  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پايدىلىنىش كىتابى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت خەرىتىسى تەييارلاندى. بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستان، گەنسۇ (كەڭسۇ) دىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە چىڭخەي (كۆكنۇر) شۈنخۇادا تۇرۇۋاتقان سالارلارمۇ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە  كۆرسىتىلگەن ۋە بۇمۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.    خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتىمۇ  ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتالغۇسىنى تۈركىستان دەپ ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟  تۈرك دۈنياسى ئاتالغۇسى قەيەرلەرنى، قايسى خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ؟    خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟  خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىدىن ئۇزاق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەدىكى شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.   

ئەركىن تارىم