
UYCAST PODCAST
ئۇيغۇر پودكاست 7-سان تىنچ ئوكياندىكى جەڭچى
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ئۇيغۇرلار سىزنى ئۇنۇتمايدۇ 10-ئاينىڭ 30- كۈنى ئاۋسترالىيەدە ياشىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىداكار كۈرەشچى مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىغا 12 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن
ئاۋاز ۋە ۋىدىيو
<
🎙
Uycast
Podcast Player
🎙تىنچ ئوكياندىكى جەڭچى
0:000:00
بۇ قىسىمغا ئاۋاز ياكى ۋىدىيو قوشۇلمىغان.
پودكاستنىڭ تەپسىلاتى
ئۇيغۇرلار سىزنى ئۇنۇتمايدۇ
10-ئاينىڭ 30- كۈنى ئاۋسترالىيەدە ياشىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىداكار كۈرەشچى مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىغا 12 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئۇكىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار بۆرە ۋە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان تونۇلغان چاقچاقچى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30- كۈنى 62 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھايات مەزگىللىرىدە ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە د ئۇ ق نى ماددىي تەرەپلەردىن يۆلىگەن ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان.
بەختىيار ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، مەرھۇمنىڭ ئېغىر كېسەل مەزگىللىرىدە ۋېيتنامغا بېرىپ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قاتنىشىپ خىتايدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا زور جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم يەنە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەردە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۆپلەپ باش قاتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2013-يىلى گېرمانىيەگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن مەزگىللىرىدە ئۆز كەچمىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ خاتىرە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئاخىرقى بايانلىرىدا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن بەجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن.
قاتناشقۇچىلار
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ئىنكاسلار (0)
ھازىرچە ئىنكاس يوق. تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزىڭ!
ئىنكاس يېزىش